إعدادات العرض
ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىق قىلىۋالماڭلار، مېنىڭ قەبرەمنى تەكرار تاۋاپ قىلىدىغان جاي قىلىۋالماڭلار، ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر قەيەردە بولساڭلار…
ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىق قىلىۋالماڭلار، مېنىڭ قەبرەمنى تەكرار تاۋاپ قىلىدىغان جاي قىلىۋالماڭلار، ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر قەيەردە بولساڭلار سىلەرنىڭ يوللىغان دۇرۇت-سالامىڭلار ماڭا يەتكۈزۈلىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىق قىلىۋالماڭلار، مېنىڭ قەبرەمنى تەكرار تاۋاپ قىلىدىغان جاي قىلىۋالماڭلار، ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر قەيەردە بولساڭلار سىلەرنىڭ يوللىغان دۇرۇت-سالامىڭلار ماڭا يەتكۈزۈلىدۇ».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili မြန်မာ Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands සිංහල தமிழ் ไทย دری Akan Български Fulfulde Magyar Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy नेपाली or Română Kinyarwanda тоҷикӣ O‘zbek Azərbaycan Moore Wolof Oromoo Soomaali Українська bm km rn Српски ქართული Македонскиالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيلەرنى نامازدىن خالى قىلىپ، ھېچ قاچان ناماز ئادا قىلىنمايدىغان قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋېلىشتىن چەكلىگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قەبرىسىنى تەكرار زىيارەت قىلىشتىن، قەبرىسىنىڭ يېنىدا مەلۇم ۋاقىتنى بېكىتىپ توپلىشىۋېلىشتىن چەكلىدى، چۈنكى ئۇ شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان ئىشتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى زېمىننىڭ قايسى يېرىدە بولسا ئۆزىگە دۇرۇت-سالام يوللاشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ يوللىغان دۇرۇت-سالاملىرى ئۇلار يىراقتا بولسۇن ياكى يېقىندا بولسۇن ئوخشاشلا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يېتىدۇ، دائىم ئۇنىڭ قەبرىسىگە كېلىشگە ھاجەت بولمايدۇ.فوائد الحديث
ئۆيلەرنى ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن بوش قويۇپ قويۇشتىن چەكلىگەن.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلىشتىن چەكلەش، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىگە دۇرۇت-سالام يوللاشقا بۇيرىدى، قەيەردىن يوللىسا ئۆزىگە يېتىدىغانلىقىنى بايان قىلىدى. ھەقىقەتەن بۇ تۈردىكى سەپەرلەر مەسچىتنى زىيارەت قىلىش ۋە ناماز ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى تەكرار زىيارەت قىلىدىغان ئورۇن قىلىۋېلىشنىڭ، ئۇنى مەخسۇس يول بىلەن، مەخسۇس بىر زاماندا تەكرار زىيارەت قىلىدىغان ئورۇن قىلىۋېلىش ھارام قىلىندى، شۇنىڭدەك ھەر قانداق قەبرىنى مۇشۇ شەكىلدە زىيارەت قىلىشمۇ ھارام قىلىندى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتى، ھەر قانداق ئورۇن ۋە ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈش.
قەبرىستاندا ناماز قىلىشتىن ساھابىلارنىڭ ھەممىسى چەكلەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسلام ئۆيلەرنى ناماز ئوقۇلمايدىغان قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىپ قويۇشتىن چەكلىدى.
التصنيفات
ياخشى ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتى