?خىرىستىيانلار مەريەم ئوغلى ئىسانى كۆككە كۆتۈرگەندەك مېنى كۆككە كۆتۈرمەڭلار، ھەقىقەتەن مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى، مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلار

?خىرىستىيانلار مەريەم ئوغلى ئىسانى كۆككە كۆتۈرگەندەك مېنى كۆككە كۆتۈرمەڭلار، ھەقىقەتەن مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى، مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلار

ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «خىرىستىيانلار مەريەم ئوغلى ئىسانى كۆككە كۆتۈرگەندەك مېنى كۆككە كۆتۈرمەڭلار، ھەقىقەتەن مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى، مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلار».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ئۆزىنى ماختىغاندا ياكى سۈپەتلىگەندە، خىرىستىيانلار مەريەم ئوغلى ئىسانى ئۇچۇرغاندەك، بەك ئۈچۈرۈپ شەرئى بەلگىلىمىدىن ھالقىپ، چەكتىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ياكى ئاللاھ تائالاغا خاس بولغان سۈپەت ۋە ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن سۈپەتلەشتىن ياكى غەيىپنى بىلىدۇ ياكى دۇئادا ئاللاھ بىلەن بىرگە ھاجەت سورىلىدۇ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشتىن چەكلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىر بەندە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۆزى توغرىسىدا ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى دېيىشكە بۇيرىدى.

فوائد الحديث

ئۇلۇغلاش ۋە ماختاشتا شەرئى بەلگىلىمىدىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى ئۇ شېرىككە ئېلىپ بارىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاگاھلاندۇرغان ئىش مۇشۇ ئۈممەتتە يۈز بەردى، بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توغرىسىدا چەكتىن ئاشۇرىۋەتتى، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى توغرىسىدا چەكتىن ئاشۇرىۋەتتى، يەنە بىر تۈرلۈك كىشىلەر ئەۋلىيالار توغرىسىدا چەكتىن ئېشىپ شېرىككە چۈشۈپ قالدى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ئاللاھنىڭ قۇلى دەپ سۈپەتلىدى ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، رەببىنىڭ خۇسۇىسيەتلىرىدىن بولغان ھېچ قانداق بىر ئىشنى ئۆزىگە سەرپ قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ سۈپەتلىدى ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە تەستىقلاش ۋە ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى.

التصنيفات

ئاللاھنى ئىلاھلىقتا بىر دەپ ئىشىنىش