?كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئۇچراشقان بولسا، ئۇ كىشى جەننەتكە كېردى، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ئۇچراشقان بولسا دوزاخقا كېردى

?كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئۇچراشقان بولسا، ئۇ كىشى جەننەتكە كېردى، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ئۇچراشقان بولسا دوزاخقا كېردى

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئۇچراشقان بولسا، ئۇ كىشى جەننەتكە كېردى، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ئۇچراشقان بولسا دوزاخقا كېردى».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ گەرچە بەزى خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئازابلانسىمۇ، ئاخىرىقى ئورنىنىڭ جەننەت بولىدىغانلىقى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ھالىتىدە ئۆلگەن كىشىنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

فوائد الحديث

تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ پەزىلىتى، ھەقىقەتەن ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قىلىشتىن قۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبىدۇر.

جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ئىنسانغا ئېنتايىن يېقىن ئىكەنلىكى، ئىنسان بىلەن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا پەقەت ئۆلۈم بار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن شېرىكتىن ئاگاھلاندۇرۇش، چۈنكى شېرىكتىن يىراق بولغاندا دوزاختىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.

ئەمەللەردىكى ئىبرەت ئۇنىڭ تۈگەنجىسى بىلەن بولىدۇ.

التصنيفات

شىرىك كەلتۈرۈش, جەننەت ۋە دوزاخنىڭ سۈپەتلىرى