?دوزاخ نەپسى شەھۋەتلەر بىلەن ئورالغان، جەننەت ياقتۇرۇلمايدىغان ئ‍ىشلار بىلەن ئورالغان

?دوزاخ نەپسى شەھۋەتلەر بىلەن ئورالغان، جەننەت ياقتۇرۇلمايدىغان ئ‍ىشلار بىلەن ئورالغان

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دوزاخ نەپسى شەھۋەتلەر بىلەن ئورالغان، جەننەت ياقتۇرۇلمايدىغان ئ‍ىشلار بىلەن ئورالغان».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دوزاخنىڭ ئىنسان كۆڭلى ئېشتىھا قېلىدىغان ھارام ئىشلار ياكى پەرز ئەمەللەرنى تەرك قىلىشتەك كەمچىللىكلەر بىلەن ئورالغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. نەپسى-خائىشىغا ئەگەشكەن كىشى دوزاخقا ھەقلىق بولىدۇ جەننەت ئىنساننىڭ كۆڭلى خالىمايدىغان، ياقتۇرمايدىغان يەنى بۇيرۇلغان ئەمەللەرنى ئادا قىلىش، ھارام ئىشلارنى تەرك قىلىش، سەۋېرچان بولۇش دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئورالغان، بۇ ئىشلاردا تېرىشچانلىق قىلىپ، نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلغان كىشى جەننەتكە كېرىشكە ھەقلىق بولىدۇ.

فوائد الحديث

نەپسى-شەھۋەتلەرگە چۈشۈپ قىلىشنىڭ سەۋەپلىرىدىن: شەيتاننىڭ مۇنكەر، قەبىھ ئىشلارنى پەردازلاپ چېرايلىق كۆرسىتىشى، ھەتتا ئىنسان ئۇنى گۈزەل دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا مايىل بولۇپ قىلىشىدۇر.

چەكلەنگەن ھارام ئىشلاردىن يىراق بولۇش كېرەك، چۈنكى ئۇ دوزاخقا ئېلىپ بارىدىغان يولدۇر. مۇشەققەتلىك، قىيىن ئىشلارغا سەبرى قىلىش كېرەك، چۈنكى ئۇ جەننەتكە ئىلىپ بارىدىغان يولدۇر.

ئىبادەتتە كۆپ تېرىشچانلىق قىلىش، نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىش، تائەت-ئىبادەتتىكى مۇشەققەت ۋە ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلارغا سەبرى قىلىشنىڭ پەزىلىتى.

التصنيفات

جەننەت ۋە دوزاخنىڭ سۈپەتلىرى