إعدادات العرض
بىر تۈركۈم كىشىلەر ئاللاھنىڭ ماللىرىنى توغرا بولمىغان يوللارغا تەسەررۇپ قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئۇلار دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ
بىر تۈركۈم كىشىلەر ئاللاھنىڭ ماللىرىنى توغرا بولمىغان يوللارغا تەسەررۇپ قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئۇلار دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ
خوۋلە ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «بىر تۈركۈم كىشىلەر ئاللاھنىڭ ماللىرىنى توغرا بولمىغان يوللارغا تەسەررۇپ قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئۇلار دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் မြန်မာ Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands සිංහල Hausa ไทย دری Fulfulde Magyar Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių or Română Kinyarwanda Српски O‘zbek Moore नेपाली Oromoo Wolof Soomaali Malagasy Български Українська Azərbaycan ქართული lnالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن ئېلىپ، توغرا بولمىغان يوللارغا سەرپ قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ، بۇ مال-دۇنيانى ھالال بولمىغان يوللار ۋە كەسىپلەر بىلەن توپلاش، ئۇنى توغرا بولمىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشتىن ئىبارەت ئومۇمى مەنانى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭ قاتارىغا يېتىمنىڭ، ۋەقپىنىڭ مال-مۈلكىنى يېۋېلىش، ئامانەتكە تېنىۋېلىش، ئومۇمنىڭ مېلىنى ھەقسىز ئېلىۋېلىش قاتارلىق ئىشلارمۇ كېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ جازاسىنىڭ ئاخىرەتتە دوزاخ بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.فوائد الحديث
كىشىلەرنىڭ قوللىرىدىكى مال بولسا ئاللاھنىڭ مېلى بولۇپ، ئاللاھ ئۇ ماللارنى توغرا ئىشلارغا سەرپ قىلىش ۋە توغرا بولمىغان يوللارغا سەرپ قىلىپ بۇزۇپ-چېچىشتىن يىراق بولۇشى ئۈچۈن ئىنسانلارنى ئۇنىڭغا ئىگە قىلدى، بۇ ھۆكۈم رەھبەرلەرگە ۋە ئۇلاردىن باشقا بارلىق كىشىلەرگە ئومۇمدۇر.
ئومۇمنىڭ مېلىنى شەرىئەت قانۇنى كۈچلۈك قوغدايدۇ، كىمكى ئومۇمنىڭ مېلىدىن بىر نەرسىگە ئىگە بولىدىكەن، قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ توپلىغان ۋە سەرپ قىلغان ھەممە ئىشلىرىدىن ھېساب ئېلىنىدۇ.
ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى توغرا بولمىغان ئىشلارغا سەرپ قىلغانلارمۇ ھېساب ئېلىنىدىغان بۇ شەرئىي قانۇننىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ.