إعدادات العرض
?كىمكى باشقا بىر قەۋىمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى شۇلاردىن بولىدۇ
?كىمكى باشقا بىر قەۋىمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى شۇلاردىن بولىدۇ
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقا بىر قەۋىمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى شۇلاردىن بولىدۇ».
[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] [ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
عربي বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் မြန်မာ Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska cs ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands සිංහල ไทย دری ff hu kn Кыргызча Lietuvių or ro rw Soomaali Српски uz mos नेपालीالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، ھەر قانداق بىر كىشى كاپىرلاردىن ياكى پاسىقلاردىن ياكى ياخشى كىشىلەردىن بولغان بىر قەۋىمگە ئوخشىۋالىدىكەن (يەنى ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بولغان، ئېتىقاد، ئىبادەت ياكى ئادەت قاتارلىق ئىشلاردا) ئۇ كىشى شۇلاردىن بولىدۇ، چۈنكى تاشقى قىياپەتتە ئۇلارغا ئوخشىۋىلىش، مەنىۋىي تەرەپتىنمۇ ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. شەكسىزكى، بىر قەۋىمگە ئوخشىۋېلىش بولسا، ئۇلارغا قايىل بولغانلىق ۋە ھەۋەسلەنگەنلىكتىن كېلىپ چېقىدۇ، بۇ ئىش ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشكە، ھۆرمەتلەشكە ۋە ئۇلارغا تايىنىشقا ئىلىپ بارىدۇ. شۇنداقلا، ئىنساننى مەنىۋىي ئىشلاردا ھەتتا ئىبادەتلەردىمۇ ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن.فوائد الحديث
كاپىر ۋە پاسىقلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن ئاگاھ بولۇش.
ياخشى ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىشكە قىزىقتۇرۇش.
سېرتقى كۆرۈنۈشتە ئوخشىۋىلىش، كۆڭۈلدە ياخشى كۆرۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
ئىنسان باشقىلارنى دوراشتا، ئۇنىڭ تۈرىگە كۆرە گۇناھ-ئازابتىن نېسىۋېسىنى ئالىدۇ.
كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىشتىكى چەكلىمە بولسا، ئۇلارغا دىنى جەھەتتە ۋە ئۇلارغا خاس بولغان ئىشلاردا ئوخشىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا ھۈنەر-سانائەت، باشقا تەرەپلەردە ئوخشىۋېلىش چەكلەنمەيدۇ.
التصنيفات
چەكلەنگەن دورامچىلىق