مەن زىمام بىن سەئلەبە بەنى سەئەد بىن بەكىرنىڭ قېرىندىشى دېدى

مەن زىمام بىن سەئلەبە بەنى سەئەد بىن بەكىرنىڭ قېرىندىشى دېدى

ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن مەسچىتتە ئولتۇرغان ۋاقتىمىزدا، تۆگە مىنگەن بىر كىشى مەسچىتكە كىردى، تۆگىسىنى مەسچىتتە چوكلاندۇرۇپ ئاندىن باغلاپ قويۇپ، ئۇلتۇرغانلارغا قاراپ: سىلەرنىڭ قايسىڭلار مۇھەممەد؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئارىمىزدا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى، بىز: يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان بۇ ئاق يۈزلۈك كىشى دېدۇق، ئۇ ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئوغلى دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ساڭا جاۋاپ بەردىم» دېدى، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: مەن سەندىن بىر قانچە سوئال سورايمەن، سوئالنى قوپالراق سورايمەن، كۆڭلىڭدە ماڭا ئاچچىقلانما؟دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كۆڭلىڭگە كەلگەننى سورا» دېدى، ئۇ كىشى: سېنىڭ ۋە سەندىن ئىلگىركىلەرنىڭ رەببى بىلەن سورايمەن: ئاللاھ تائالا سېنى بارلىق ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتىمۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنى بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنى يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشقا بۇيرۇشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە» دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنىڭ بايلىرىمىزدىن سەدىقە ئىلىپ كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: مەن سەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەندىم، مەن قەبىلەمنىڭ ئەلچىسى، مەن زىمام بىن سەئلەبە بەنى سەئەد بىن بەكىرنىڭ قېرىندىشى دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: ساھابىلار مەسچىتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ئولتۇرغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز تۆگىگە مىنگەن بىر كىشى مەسچىتكە كېردى، تۆگىسىدىن چۈشتى ۋە ئۇنى باغلىدى، ئاندىن ئۇلاردىن : سىلەرنىڭ قايسىڭلار مۇھەممەد؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا يۆلۈنۈپ ئولتۇراتتى، بىز: بۇ يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان ئاق يۈزلۈك كىشى دېدۇق. ئۇ ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئابدۇلمۇتەللەبنىڭ ئوغلى دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ساڭا ئاڭلاتتىم، سورىغىن جاۋاپ بېرىلىسەن». ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: مەن سەندىن بىر قانچە سوئال سورايمەن، سوئالنى قوپالراق سورايمەن، كۆڭلىڭدە ماڭا ئاچچىقلانما؟دېدى. يەنى: ماڭا ئاچچىقلانما، ئېچىڭ سىقىلمىسۇن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «خالىغىنىڭنى سورىغىن»دېدى. ئۇ كىشى: سېنىڭ ۋە سەندىن ئىلگىركىلەرنىڭ رەببى بىلەن سورايمەن: ئاللاھ تائالا سېنى ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتىمۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دەپ ئۆزىنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى ۋە بىزنى بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى. (يەنى پەرز نامازلار). پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنى يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشقا بۇيرۇشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، يەنى رامىزان روزىسىنى تۇتۇش. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنىڭ بايلىرىمىزدىن سەدىقە ئىلىپ كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بۇيرىدىمۇ؟ دېدى. (يەنى زاكات). پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، زىمام مۇسۇلمان بولدى، ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئۆزىنىڭ قايتىپ بېرىپ قەۋمىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئاندىن ئۆزىنى تونۇتتى، ئۇ بەنى سەئەد بىن بەكىرنىڭ قېرىندىشى زىمام بىن سەئلەبە ئېدى.

فوائد الحديث

ئۇ ئادەمنىڭ ساھابىلارنىڭ ئارىسىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئايرىيالماسلىقى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نەقەدەر كەمتەرلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنىڭ گۈزەللىكى، سوئال سورىغۇچىغا جاۋاپ بېرىشتىكى مۇلايىملىقى ۋە چېرايلىق جاۋاپ بېرىشنىڭ دەۋەتنى قوبۇل قىلىشنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئىنساننى ئۇنىڭ ئاق، قىزغۇچ، ئېگىز، پاكا دېگەندەك ئەيىپلەشنى مەقسەت قىلمايدىغان ۋە ئۇ كىشىمۇ ئۆچ كۆرمەيدىغان سۈپەتلىرى بىلەن تونۇتۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ھاجەت ئۈچۈن كاپىرنىڭ مەسچىتكە كېرىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ھەدىستە ھەج زىكىر قىلىنمىدى، چۈنكى بەلكى ئۇ كىشى كەلگەن ۋاقىتتا ھەج پەرز قىلىنمىغان ئىدى.

ساھابىلارنىڭ كىشىلەرنى دەۋەت قىلىشقا بولغان ھېرىسمەنلىكى، ئۇلارنىڭ بىرى مۇسۇلمان بولۇپلا قەۋمىنى دەۋەت قىلىشقا ھېرىسمەن بولىدۇ.

التصنيفات

ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش, ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش, پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام, پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام, ئىسلام, ئىسلام, ئاللاھ تەرەپكە دەۋەت قىلىش, ئاللاھ تەرەپكە دەۋەت قىلىش, نامازنىڭ پەرىزى ۋە ئۇنى تەرك قىلىشنىڭ ھۆكمى, نامازنىڭ پەرىزى ۋە ئۇنى تەرك قىلىشنىڭ ھۆكمى, زاكاتنىڭ پەرىزلىكى ۋە ئۇنى تەرك قىلىشىڭ ھۆكمى, زاكاتنىڭ پەرىزلىكى ۋە ئۇنى تەرك قىلىشىڭ ھۆكمى