ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كېرىدۇ، پەقەت باش تارتقانلار بۇنىڭ سىرتىدا

ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كېرىدۇ، پەقەت باش تارتقانلار بۇنىڭ سىرتىدا

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كېرىدۇ، پەقەت باش تارتقانلار بۇنىڭ سىرتىدا دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىم باش تارتىدۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« ماڭا ئىتائەت قىلغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان كىشى جەننەتكە كېرىشتىن باش تارتىدۇ» دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنىڭ ھەممىسىنىڭ جەننەتكە كېرىدىغانلىقى، پەقەت باش تارتقانلارنىڭ كىرمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. ساھابىلار -ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن-ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىم باش تارتىدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: «كىمكى ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بويسۇنۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىدىكەن، ئىتائەت قىلىدىكەن جەننەتكە كىردى، كىمكى ئاسىيلىق قىلىدىكەن، شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپىغا بويسۇنمايدىكەن، ناچار ئەمەللىرى بىلەن جەننەتكە كېرىشتىن باش تارتتى دېدى».

فوائد الحديث

ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش بولسا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتۇر، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىش ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش جەننەتنى ۋاجىپ قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلىش دوزاخنى ۋاجىپ قىلىدۇ.

مۇشۇ ئۈممەتتىن ھەقگە ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەننەتكە كېرىدىغانلىقى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ دوزاخقا كېرىدىغانلىقىدىن بىشارەتتۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە بەك كۆيۈنەتتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھىدايەت تىپىشىغا ھېرىسمەن ئىدى.

التصنيفات

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام