كىمكى زىيان يەتكۈزىدىكەن ئاللاھ تائالامۇ شۇنىڭ بىلەن زىيان يەتكۈزىدۇ، كىمكى قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشىگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ

كىمكى زىيان يەتكۈزىدىكەن ئاللاھ تائالامۇ شۇنىڭ بىلەن زىيان يەتكۈزىدۇ، كىمكى قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشىگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ

ئەبى سىرمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى زىيان يەتكۈزىدىكەن ئاللاھ تائالامۇ شۇنىڭ بىلەن زىيان يەتكۈزىدۇ، كىمكى قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشىگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ».

[ھەسەن] [ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانغا جېنىدا، مېلىدا ياكى ئەھلى-ئەۋلادلىرىدا ھەر قانداق بىر ئىشتا زىيان يەتكۈزۈش ياكى قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قىلغان ئىشىنىڭ تۈرى بىلەن جازالايدۇ.

فوائد الحديث

مۇسۇلمانغا زىيان يەتكۈزۈش ۋە مۇشەققەت پەيدا قىلىش ھارامدۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

التصنيفات

مۇھەببەت ۋە نەپرەت ھۆكۈملىرى