إعدادات العرض
ۋاپات بولغانلارنى تىللىماڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىگە يېتىپ بولدى
ۋاپات بولغانلارنى تىللىماڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىگە يېتىپ بولدى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ۋاپات بولغانلارنى تىللىماڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىگە يېتىپ بولدى».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili မြန်မာ Deutsch 日本語 پښتو অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands සිංහල தமிழ் ไทย دری Fulfulde Magyar ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių or Română Kinyarwanda Српски O‘zbek Moore नेपाली Oromoo Wolof Soomaali Български Українська Azərbaycan ქართული Lingala тоҷикӣ bm Malagasy Македонскиالشرح
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆلۈكلەرنى تىللاش ۋە ئىززەت-ئابرۇيىنى تۆكۈشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ھەقىقەتەن بۇ ناچار ئەخلاق ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ياخشى-يامان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى تىللاش ئۇلارغا ھېچ بىر زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، پەقەت ھايات ياشاۋاتقانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ.فوائد الحديث
بۇ ھەدىس ئۆلۈكلەرنى تىللاشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
ئۆلۈكلەرنى تىللاشنى تەرك قىلىش بولسا ھايات ياشاۋاتقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە رىئايە قىلىش، جەمئىيەتنى ئۆز-ئارا دۈشمەنلىشىش، يامان كۆرۈش، ئۆچ-ئاداۋەتتىن مۇھاپىزەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
ۋاپات بولغانلارنى تىللاشتىن چەكلەشتىكى ھېكمەت بولسا: ھەقىقەتەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئېرىشىپ بولدى، ئۇلارنى تىللىغاننىڭ ھېچ پايدىسى يوق، پەقەت ھايات ياشاۋاتقان تۇغقانلىرىغا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ خالاس.
ئىنسان پايدىسىز قۇرۇق گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن چەكلىنىشى لازىم.