?ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرۈپ ئۇچراسسا، ئۆلگۈچى ۋە قاتىل ھەر ئىككىسى دوزاختا بولىدۇ

?ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرۈپ ئۇچراسسا، ئۆلگۈچى ۋە قاتىل ھەر ئىككىسى دوزاختا بولىدۇ

ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرۈپ ئۇچراسسا، ئۆلگۈچى ۋە قاتىل ھەر ئىككىسى دوزاختا بولىدۇ» مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قاتىلغۇ دوزاخقا كىرسۇن، ئەمما ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ نېمە خاتالىقى بار؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ھەمراھىنى ئۆلتۈرۈشكە ھېرىس بولغان» دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، ئىككى مۇسۇلمان قىلىچ كۆتۈرۈپ ھەر بىرى يەنە بىرىنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ بىر-بىرى بىلەن ئۇچراسسا، قاتىل ئۆز ھامراھىنى بىۋاستە ئۆلتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن دوزاختا بولىدۇ. ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭمۇ دوزاخقا كېرىدىغانلىقى ساھابىلارغا بىر ئاز غەلىتە بېلىنىپ: ئۇ نېمە ئۈچۈن دوزاختا بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا خەۋەر بېرىپ: ئۇ كىشىمۇ ئۆزىنىڭ ھەمراھىنى ئۆلتۈرۈشكە ھېرىسمەن بولغان بولۇپ، ئۇ بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەمراھىنى ئۆلتۈرەلمەي ئەكسىچە ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتتى دېدى.

فوائد الحديث

چىن دىلىدىن خاتالىق سادىر قىلىش ئىرادىسىگە كىلىپ، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بىۋاستە قىلغان كىشىنىڭ جازاغا ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

مۇسۇلمانلارنى ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇنداق قىلغان كىشىنىڭ دوزاخقا كېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش.

مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش ئىسلام ھاكىمىيتىگە قارشى چىققان باغىلار ۋە بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارغا قارشى ئۇرۇش بولسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئازاب بىلەن بولغان ۋەدىنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ.

چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچى گۇناھ سادىر قىلىش بىلەنلا كاپىرغا چېقىرىلمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلاردىن ئۆزئارا ئۇرۇشقانلارنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان.

ئىككى مۇسۇلمان ھەرقانداق بىر سەۋەپ بىلەن بولسۇن بىر-بىرىگە قورال كۆتۈرۈپ ئۇچرىشىدىكەن، ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىنى ئۆلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاتىل ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچى ھەر ئىككىسى دوزاختا بولىدۇ، ھەدىستە مىسال قىلىپ قىلىچ دەپ بايان قىلىنغان. بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

التصنيفات

قەلىب ئەمەللىرى, گۇناھ-مەسىيەتنى ئەيىپلەش