إعدادات العرض
1- بىر قۇل خوجايىنىغا سەمىمى بولۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى قىلسا، ئۇنىڭغا ئىككى ھەسسە ئەجىر بېرىلىدۇ
2- بالا ئاتىسىنىڭ ھەققىنى بېجىرىپ، ياخشىلىقىنى قايتۇرۇپ بولالمايدۇ، پەقەت دادا قۇل بولۇپ، بالا قۇل دادىسىنى سېتىۋېلىپ، ئازاد قىلىۋەتكەندە ئاندىن ياخشىلىقىنى قايتۇرغان بولىدۇ
3- ھاي،ھاي! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ، مەن سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى ئاڭلىدىم، مەن ئۇنى يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى لايىق كۆرىمەن
4- سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر ئىچىدە 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇ زېمىندىكى ئەڭ ئالىم كىشى تۇغرۇلۇق سورىغاندا، بىر راھىب كۆرسۈتۈلۈپ قويۇلدى، ئۇ راھىبنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۆزىنىڭ 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىسا، راھىب: «ياق» دېدى، ئاندىن ئۇنىمۇ ئۆلتۈردى
5- شەيتان ئادەم بالسىنىڭ ئىچىدە، قان تومۇردا ئاققاندەك ماڭىدۇ، مەن ئىككىڭلارنىڭ قەلبىگە شەيتان ۋەسۋەسە سېلىشتىن ئەنسىرىدىم دېگەن
6- ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەقسىماتتا دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا كىشى بېشىغا تۆت مىڭ دەرھەمدىن بېرىشنى بىكىتتى
7- ئۇلار ماڭا ياكى مەندىن خالىغانچە سوراش ياكى مېنى بېخىللىققا چىقىرىشتىن بىرنى تاللاتقۇزدى، مەن بېخىل ئەمەسمەن
8- جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! ئەگەر سىلەر داۋاملىق مېنىڭ يېنىمدىكىدەك زىكىردە بولساڭلار، پەرىشتىلەر ئۆيۈڭلار ۋە يولۇڭلارغا كېلىپ، سىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن بولاتتى. ئى ھەنزەلە ئەمما ئىنسان بەزىدە ئۇنداق، بەزىدە مۇنداق بولىدۇ
9- زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپاتى ۋە قەرزىنى ئادا قىلىش ۋەقەلىكى
10- بۇ جىلغا ۋە ۋادىلاردا تارقاق يەرلىشىشىڭلار ھەقىقەتەن شەيتاندىندۇر
11- باي كىشىنىڭ قەرز قايتۇرۇشنى كېچىكتۈرۋېتىشى زۇلۇم قىلغانلىقتۇر، بىرىڭلارنىڭ قەرزى باشقا بىرسىگە ھاۋالە قىلىنسا ئۇنى قوبۇل قىلسۇن
12- يەمەنلىكلەر كەلگەن چاغدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: «سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا يەمەنلىكلەر كەلدى» دېدى
13- مەن ئەنەس ئىبنى مالىك بىلەن بىللە بىر قانچە مەجۇسىلارنىڭ يىنىدا ئىدۇق، كۆمۈش قاچىدا ھالۋا كەلتۈرۈلگەندە ئەنەس ئۇنى يېمىدى
14- سەن جاھىلىيەتنىڭ ئەخلاقى بار ئادەمكەنسەن، قۇللار بولسا ئاللاھ سىلەرنىڭ قول ئاستىڭلاردا قىلغان خىزمەتكارىڭلار ھەم ئىنسانىي قېرىندىشىڭلاردۇر، قانداق بىر كىشىنىڭ قېرىندىشى قول ئاستىدا بولۇپ قالسا ئۇنىڭغا ئۆزى يېگەن نەرسىدىن يېگۈزسۇن، ئۆزى كىيگەن نەرسىدىن كىيگۈزگەن، سىلەر ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇماڭلار، ئەگەر بۇيرۇساڭلار ئۇلارغا ياردەملىشىڭلار
15- قىيامەت كۈنى بولغاندا ئاللاھ ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئالدىغا بىر يەھۇدىي ياكى بىر خىرىستىئاننى ئېلىپ كېلىپ: «مانا بۇ سېنىڭ دوزاختىكى ئورنۇڭغا ئالماشتۇرۇلغان كىشىدۇر» دەيدۇ
16- ئى ئاللاھ!، ئەيياش ئىبنى ئەبۇ رەبىيئەنى، سەلەمە ئىبنى ھىشامنى، ۋەلىد ئىبنى ۋەلىدنى ۋە ئاجىز مۆمىنلەرنى قۇتقازغىن، مۇزەر قەبىلىسىنى قاتتىق جازالىغىن، ئۇلارغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكىدەك قەھەتچىلىك بەرگىن
17- بەنى ئىسرائىلدىن بىر كىشى بىر ئادەمدىن مىڭ تىللا قەرىز سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا گۇۋاھچى ئېلىپ كەلگىن دېگەندە ئۇ كىشى: ئاللاھ تائالا گۇۋاھلىققا كۇپايىدۇر، دېدى. ئۇنداقتا كىپىل ئېلىپ كەلگىن دېگەندە، ئۇ كىشى: ئاللا تائالا كىپىللىككە يىتەرلىكتۇر، دېدى ئۇ كىشىگە راس سۆزلىدىڭ دېدى ۋە ئۇنىڭغا مىڭ تىللانى مەلەم ۋاقىتقىچە قەرىز بېرىپ تۇردى
18- بىلىپ قوي ھەي ئەبۇ مەسئۇد!، ئاللاھ ساڭا سەن بۇ قۇلغا قادىر بولغىنىڭدىنمۇ بەكرەك قادىردۇر، مەن: «بۇندىن كېيىن ھەرگىز قۇل ئۇرمايمەن» دەۋەتتىم
19- پەرۋەردىگارىم!، ماڭا ياردەم بەرگىن، زىيىنىمغا ياردەم بەرمىگىن، ماڭا مەدەت بەرگىن، زىيىنىمغا مەدەت بەرمىگىن، ماڭا تەدبىر بەرگىن، زىيىنىمغا تەدبىر بەرمىگىن، ماڭا ھىدايەت بەرگىن، ماڭا ھىدايەتنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرگىن، ماڭا زۇلۇم قىلغۇچىغا قارشى ياردەم بەرگىن
20- ئوھۇد ئۇرۇشى بولغان كۈنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇچىسىدا ئىككى دانە ساۋۇت بار ئىدى، ئۇ بىر قورام تاش ئۈستىگە چىقماقچى بولۇپ چىقالمىدى، تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا دەسسەپ تۇرۇپ تاشنىڭ ئۈستىگە چىقتى، تەلھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «تەلھە قولغا كەلتۈردى» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ
21- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇلۇمىغا قۇرۇق ئۈزۈم سىلىپ قويىلاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ كۈنى، ئەتىسى ۋە ئۆگۈنى ئىچەتتى، ئۈچىنچى كۈنى كەچتە ئىچىپ، (باشقىلارغا) ئىچۈرۈپ، ئېشىپ قالغىنىنى تۆكۈۋىتەتتى
22- قانداق بىر كىشىنى ئاللاھ ئىككى ساقىلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىسا ئۇ كىشى جەننەتكە كىرىدۇ
23- بۇزۇقچىلىق كۆپ بولغاندا قىلىنغان ئىبادەت مەن تەرەپكە ھىجرەت قىلغانغا ئوخشاش
24- ئەلەيكەسسالام دېمە، چۈنكى ئەلەيكەسسالام ئۆلۈكلەرگە قىلىنىدىغان سالام
25- قانداقمۇ خۇشال بولغىلى بولسۇن! پەرىشتە قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن سۈر چېلىشقا تەييارلىق ھالىتدە بولۇپ، ئاللاھدىن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرماقتا
26- ئى ئاللاھ، مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، يوشۇرۇن-ئاشكارا قىلغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن