إعدادات العرض
1- مەن توسقان ئىشلاردىن تولۇق چەكلىنىڭلار، بۇيرىغان ئىشلارنى كۈچۈڭلارنىڭ يىتىشىچە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى قەۋىملەر كۆپ سوئال سوراش، پەيغەمبەرلىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ھالاك بولدى
2- ئىسرائىل ئەۋلادىنى پەيغەمبەرلەر باشقۇراتتى، ھەر قاچان بىر پەيغەمبەر ۋاپات بولسا ئورنىغا يەنە بىرى كېلەتتى، مەندىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ، مەندىن كېيىن كۆپ خەلىپىلەر بولىدۇ
3- ?ئايال ئىككى كۈنلۈك مۇساپىدىكى سەپەرگە يالغۇز چىقمىسۇن، ئېرى ياكى باشقا مەھرەملىرى بىلەن بىرگە چىقسۇن
4- دىنىڭنى، مەسئۇلىيتىڭنى ۋە ئاخىرقى ئەمەللىرىڭنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم
5- دۇنيادا بىزگە بېرىلگەن نەرسىلەر بېرىلدى، بىزگە ياخشىلىقلىرىمىزنىڭ ئېلگىرى بولۇپ قېلىشىدىن قورقىمىز
6- ھەقىقەتەن زامان، ئاللاھ تائالا ئاسمان زىمىننى يارتقان كۈنىدىكىدەك ئەسلى ھالىتىگە ئايلاندى. بىر يىل ئون ئىككى ئايدۇر، بۇلاردىن تۆرتى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار بولۇپ، ئۈچى ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدۇ، زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم، تورتىنچىسى جۇمادا بىلەن شەئبان ئارسىدىكى مۇزەر قەبىلىسى بەك ئۇلۇغلايدىغان رەجەب ئېيىدۇر
7- بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە غەنىمەت ھالال قىلىنمىغان، ئاللاھ تائالا بىزنىڭ «يەنى بۇ ئۈممەتنىڭ» ئاجىز، زەئىپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىزگە غەنىمەتلەرنى ھالال قىلىپ بەردى
8- زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپاتى ۋە قەرزىنى ئادا قىلىش ۋەقەلىكى