إعدادات العرض
1- ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ھۆكۈمدە پارا بەرگۈچى ۋە پارا ئالغۇچىغا لەنەت قىلدى
2- ئەگەردە كىشىلەرنىڭ داۋاسىغا ئاساسەن دېگىنى بىرىلىدىغان بولسا ئىدى، مەلۇم كىشىلەر بىراۋلارنىڭ ئۈستىدە پۇل-مال ۋە قان داۋالىرىنىڭ بارلىقىنى داۋا قىلىشاتتى، لېكىن داۋا قىلغان كىشىنىڭ دەلىل-پاكىت كۆرسىتىشى، ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ قەسەم ئىچىشى كىرەك
3- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكى تۈۋىدە دەۋاگەرلەرنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدى
4- بىرەر كىشى مېنىڭ مۇشۇ مۇنبىرىمنىڭ يېنىدا ھۆل مىسۋاكچىلىك نەرسە ئۈچۈن بولسىمۇ، گۇناھ بولىدىغان قەسەم قىلسا دوزاختىن ئۆزىگە ئورۇن تەييارلىغان بولىدۇ
5- ھەر قانداق بىر كىشى غەزەپلەنگەن ۋاقتىدا ھۆكۈم قىلمىسۇن
6- پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىغا تالاش-تارتىش قىلىپ كەلگەن بىر توپ كىشىلەرنى قەسەم ئىچىشكە تەكلىپ قىلغان، ئۇلاردىن ھەر ئىككى تەرەپ قەسەم ئىچىشكە ئالدىرغاندا قايسى بۇرۇن قەسەم قىلىش ئۈچۈن ئارسىدا چەك تاشلاشقا بۇيرىغان