إعدادات العرض
1- ?ۋاپات بولغانلارنى تىللىماڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىگە يېتىپ بولدى
2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، مۇسىبەت يەتكەندە ۋارقىراپ - جارقىرايدىغان، قاتتىق نالە-پەرياد قىلغانلىقتىن چاچلىرىنى يۇلىدىغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدىرىگە نارازى بولغانلىقتىن كىيىم كېچەكلىرىنى يىرتىدىغان ئاياللاردىن ئادا - جۇدادۇر
3- ?ئاللاھ تائالا بىر بەندە ئۈچۈن مەلۇم بىر زېمىندا ۋاپات بولۇشنى تەقدىر قىلسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۇ يەرگە بارىدىغان بىر ھاجەتنى پەيدا قىلىدۇ
4- پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزى «ئۇممۇ گۈلسۈم» ۋاپات بولغاندا قېشىمىزغا كىرىپ: ئۇنى ئۈچ قېتىم ياكى بەش قېتىم ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قېتىم (ئەگەر ئېھتىياج تۈيساڭلار) يۇيۇڭلار. سۇ ۋە سىدىر بىلەن يۇيۇڭلار، ئاخىرىقى قېتىمدا كافۇر ياكى كافۇرغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە ئارىلاشتۇرۇڭلار. يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، دېدى
5- جىنازىنى تىز ئېلىپ مېڭىڭلار! چۈنكى ئۇ مېيىت ئەگەر ياخشى بولغان بولسا، سىلەر ئۇنى ئۇ ياخشىلىقىغا يەتكۈزۈپ قويغىنىڭلار تۈزۈك. ئەگەر باشقىچە بولغان بولسا، گەدىنىڭلاردىن يامانلىقنى چۈشۈرۋېتىسىلەر
6- بىز جىنازىغا ئەگىشىشتىن مەنئى قىلىندۇق، لىكىن كەسكىن تەكىتلەنمىدى
7- سەۋرى قىلىش، مۇسىبەتكە تۈنجى ئۇچرىغاندا بولىدۇ
8- مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا، نىپاسدارلىق ھالىتىدە ۋاپات قىلغان بىر ئايالنىڭ نامىزىنى ئوقۇدۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېيىتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇردى
9- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەمەندە توقۇلغان ئاق رەخ بىلەن كېپەنلەنگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە كۆڭلەك ۋە سەللە يوق ئىدى
10- نەجاشى ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكۈزۈلدى. رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ، كەينىدىكى سەپلەرنى رۇسلىدى، تۆت تەكبىر بىلەن ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى
11- كىمكى مېيىتنى يۇيۇپ، مېيىتنىڭ بەدىنىدىكى يامان ئەھۋالنى بىراۋغا پاش قىلمىسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ گۇناھىنى قىرىق نۆۋەت مەغپىرەت قىلىدۇ
12- ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن تۆت كىشى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ
13- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خىلاپلىق قىلماسلىقىمىزغا ئالغان بەيئەتدىكى ياخشى ئىشلار ئىچىدە: يۈزلىرىمىزنى تاتىلىماسلىقىمىز، ئۈن سېلىپ يىغلىماسلىقىمىز، ياقىلارنى يېرتماسلىقىمىز، چاچنى يۇلماسلىقىمىز بار ئىدى
14- بۈگۈندىن كېيىن قېرىندىشىمغا يىغلىماڭلار
15- ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۇشىدىن كەتكەندە، ئۇنىڭ ھەمشىرىسى يىغلاشقا باشلىدى. ۋاي مېنىڭ تېغىم، ۋاي مېنىڭ تايانچىم دېگىلى تۇردى. ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە ھۇشىغا كەلگەندە: سىز نېمە دېگەن بولسىڭىز، ماڭا شۇ سۆزنىڭ ئۆزى دېيىلدى، دېدى
16- ئاللاھ تائالا يەھۇدى، ناسارالارغا لەنەت قىلسۇن! ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى مەسچىت قىلىۋالدى