إعدادات العرض
1- بۇ قۇرئاننى لازىم تۇتۇڭلار! مېنىڭ جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى ئۇ باغلاقلىق تۆگىدىنمۇ بەك قاچىدۇ
2- سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۈگەنگەن ۋە ئۈگەتكەن كىشىلەردۇر
3- ?ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋالماڭلار، ھەقىقەتەن شەيتان بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلغان ئۆيدىن ئۈركۈپ قاچىدۇ
4- كىمىكى كىچىسى سۈرە بەقەرەنىڭ ئاخىرىقى ئىككى ئايىتىنى ئوقۇپ ياتسا، شۇ كىچىدىكى ھەرقانداق ئىشىغا كۇپايە بولىدۇ.
5- كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق بولىدۇ، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ
6- ?ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن نامازنى ئۆزۈم بىلەن بەندەم ئارىسىدا يېرىمدىن تەقسىم قىلدىم، بەندەمگە سورىغاننى بېرىمەن
7- ?قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇئمىن پورتۇقالغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى تاتلىق ۋە تەمىمۇ تاتلىق، قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇئمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى تاتلىق
8- كىمكى سۈرە كەھپنىڭ بېشىدىن ئون ئايەت ياد ئالسا دەججالدىن ساقلىنىدۇ
9- ?قۇرئان ياد قىلغۇچى ئۈچۈن: ئوقۇغىن، يۇقىرى ئۆرلىگىن، دۇنيادا قۇرئان كەرىمنى تەرتىل بىلەن تىلاۋەت قىلغاندەك تىلاۋەت قىلغىن، ھەقىقەتەن سېنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتكىچە بولىدۇ، دېيىلىدۇ
10- ئى مۇنزىرنىڭ ئاتىسى! ئاللاھنىڭ كىتابىدىن سەن بىلەن بولغان ئەڭ كاتتا ئايەتنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟دېدى، مەن: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھنىڭ ھاياتلىقى ئەبەدىيدۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر»دېدىم. [سۈرە بەقەرە 255-ئايەت]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ مەيدەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ :«ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئى ئابا مۇنزىر! ئىلىم ساڭا ئاسان بوپتۇ» دېدى
11- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر كېچىسى ياتىدىغان ئورنىغا كەلگەندە، ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ ئۇنىڭغا سۈپلەپ ئىخلاس سۈرىسى، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس
12- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلاردىن بىرىنى قوشۇن بېشى قىلىپ بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشى نامازنىڭ ھەر ئىككىنچى رەكەتىگە «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد» سۈرىسىنى ئوقۇدى
13- جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۈستى تەرەپتىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى
14- بىراۋنىڭ «پالانى-پالانى ئايەتنى ئۇنتۇلۇپ قالدىم» دېيىشى نېمىدېگەن يامان؟! ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنتۇلدۇرۇلغان، شۇڭا قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىىدىن چارۋىلار باغلاقتىن قاچقاندىنمۇ تىز قاچىدۇ