جىھاد

11- پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر قوشۇنغا ياكى ئەترەتكە ئەمىر تەيىنلىسە، ئۇنىڭ تەقۋادار بولۇشىنى، قوماندانلىقى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياخشى مۇئائىلە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلاتتى. ئاندىن مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئاللاھ يولىدا غازاتقا يۈرۈڭلار. ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار، جەڭ قىلىڭلار. غەنىمەتلەرگە خىيانەت قىلماڭلار، دۈشمەن جەسەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى كەسمەڭلار، كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. مۇشرىكلاردىن ئىبارەت دۈشمىنىڭگە ئۇچرىساڭ، ئۇلارنى ئۈچ شەرتكە چاقىرغىن. ئۇلار بۇ ئۈچ شەرتنىڭ قايسىسىنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلار تاللىغان شەرتنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا چېقىلمىغىن، ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىرغىن، ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىسلامىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن مۇھاجىرلارنىڭ يۇرتلىرىغا ھىجرەت قىلىشقا چاقىرغىن. ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار بۇنى ئورۇندىسا، مۇھاجىرلار بىلەن ھەق – ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتتە ئورتاق بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىدىن ھىجرەت قىلغىلى ئۇنىمىسا، ئۇلارغا ئېيتىپ قويغىنكى، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەئرابىلىرىغا ئوخشاش بولىدۇ. ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەر ئۈستىگە يۈكلىگەن ھۆكمى ئۇلارنىڭمۇ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. ئۇلار مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە جىھاد قىلمىغىچە، ئۇلارغا غەنىمەت ۋە ئولجىلاردىن ھېچ نەرسە بېرىلمەيدۇ. ناۋادا ئۇلار بىرىنچى شەرتنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارغا جىزىيە تۆلەش شەرتىنى قويغىن. ئەگەر ئۇلار جىزىيە تۆلەشنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلاردىن جىزىيە ئالغىن، ئۇلارغا چېقىلمىغىن. ئەگەر جىزىيە تۆلەشنىمۇ رەت قىلسا، ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغىن. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بەرمەستىن، ئۆزەڭنىڭ ۋە سەبداشلىرىڭنىڭ ئامانلىقىنى بەرگىن. چۈنكى (ئاراڭلاردىن بىرەرسى بىلمەستىن بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇپ سالسا) ئۆزەڭلار بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇشۇڭلار ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نامىدىن بېرىلگەن ئامانلىقنى بۇزۇشقا قارىغاندا يەڭگىلرەك. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئەگەر ئۇلار ساڭا ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن ھالدا بىتەرەپ قىلىشىڭنى شەرت قىلسا، سەن ئۇلارنىڭ بۇ شەرتىگە قوشۇلماي، ئۇلارنى ئۆزەڭنىڭ چىقارغان ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلغىن. چۈنكى سەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلالىغان ياكى قىلالمىغانلىقىڭنى بىلمەيسەن «چۈنكى ساڭا ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمى ماۋۇ دەپ ۋەھىي كەلمەيدۇ»