إعدادات العرض
1- ?مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيسى بولسۇن ياكى نەساراسى بولسۇن، مېنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، مەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەي ئۆلۇپ كەتسە، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ
2- ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كېرىدۇ، پەقەت باش تارتقانلار بۇنىڭ سىرتىدا
3- ?ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان
4- ?دىققەت قىلىڭلار! بىر ئادەمگە مەن بايان قىلغان بىر ھەدىس يەتسە، ئۇ كىشى ياستىقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بار دەيدۇ
5- مەن بەنى ئامىر گۇرۇپپىسى بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھوزۇرىغا باردىم، بىز: ئۆزلىرى بىزنىڭ سەييىدىمىز دېگىنىمىزدە، رەسۇلۇللاھ: ھەقىقىي سەييىد ئاللاھ تائالا، دېدى
6- بېشىڭنى كۆتۈرگىن ، سۆزۈڭگە قۇلاق سېلىنىدۇ. سورىغىن، سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ. شاپائەت تىلىگىن، شاپائەت قىلىش سالاھىيىتى بېرىلىدۇ
7- ماڭا بۇرۇن ھېچبىر پەيغەمبەرگە بىرىلمىگەن بەش تۈرلۈك ئالاھىدىلىك ئاتا قىلىندى. بىر ئايلىق مۇساپىدىكى دۈشمەنلىرىمنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سېلىش بىلەن نۇسرەت بېرىلدى، زېمىننىڭ ھەممە يېرى ماڭا سەجدىگاھ ۋە پاك قىلىپ بېرىلدى
8- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىنىڭ قورغانلىرىدىن بىر قورغانىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپقا قاراپ، ساھابىلارغا: «مەن كۆرگەننى كۆرەلەمسىلەر؟» دېدى، ساھابىلار: ياق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارنىڭ ئارىسىغا چۈشكەن پىتنىنى يامغۇر تامچىسىنىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆرگەندەك كۆرىۋاتىمەن»دېدى
9- ?مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! يېقىندا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا ئىسا بىن مەريەم چۈشۈپ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، كېرست بەلگىسىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باجنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ ھەتتا زاكاتنى قوبۇل قىلىدىغانغا ئادەم تاپالماي قالىدۇ
10- مەن زىمام بىن سەئلەبە بەنى سەئەد بىن بەكىرنىڭ قېرىندىشى دېدى
11- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىرىق ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ۋەھيى قىلىندى
12- يازغىن، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بۇ ئېغىزدىن پەقەت ھەق سۆز چېقىدۇ» دېدى
13- ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىمىزنى ياراتقان چاغدا: ئاۋۇ ئولتۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بەرگىن، ئاندىن ساڭا قايتۇرغان سالىمىغا قۇلاق سالغىن، بۇ سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ سالىمىدۇر، دېدى
14- ھەر قانداق ئادەم بالىسى تۇغۇلغاندا شەيتان ئۇنى تۇتىدۇ، بالا شەيتاننىڭ تۇتىشىدىن قاتتىق يىغلايدۇ، مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئۇنىڭ سىرتىدا
15- ئەييۇب ئەلەيھىسسالام يالىڭاچ يۇيۇنىۋاتقاندا ئۈستىگە بىر ئالتۇن چىكەتكە چۈشتى
16- ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا پەرىشتىلەر ئۇنى سۇ بىلەن تاق يۇدى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن لەھەد كولاپ: بۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئىچىدىكى سۈننىتى،- دېيىشتى
17- مۇسا ھەقىقەتەن ئىنتايىن ھايالىق، ھايا قىلغانلىقىدىن بەدىنىنىڭ ھېچ يېرى كۆرۈنمىگۈدەك ياپىدىغان كىشى ئىدى، ئىسرائىل ئەۋلادلىرىدىن ئۇنىڭغا ئازار بەرگەنلەر شۇ سەۋەپتىن ئازار بەردى
18- بىرەر بەندە مېنى يۇنۇس ئىبنى مەتتادىن ياخشى دېسە بولمايدۇ