ئىبادەت مەسىلىلىرىنى بىلىش

ئىبادەت مەسىلىلىرىنى بىلىش

57- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئىككى ئالقىنىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، تەشەھھۇدنى خۇددى قۇرئاندىن بىرەر سۈرىنى ئۆگەتكەندەك ئەھمىيەت بېرىپ ئۆگەتتى، ئۇ: (ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى، ۋەسسالاۋاتۇ ۋەتتاييىباتۇ، ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ، ئەسسالامۇ ئەلەينا ۋە ئەلا ئىبادىللاھىسسالىھىن، ئەشھەدۇئەللا ئىلاھە ئىللەللاھ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ) پۈتكۈل ئۇلۇغلاش يەنى تىل، بەدەن، مال بىلەن قىلىنىدىغان بارلىق ئىبادەتلەر، گۈزەللىك ۋە بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر. سالام ساڭا، ئى پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى ساڭا بولسۇن! بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ بارلىق سالىھ بەندىلىرىگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن! ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن

122- پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر قوشۇنغا ياكى ئەترەتكە ئەمىر تەيىنلىسە، ئۇنىڭ تەقۋادار بولۇشىنى، قوماندانلىقى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياخشى مۇئائىلە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلاتتى. ئاندىن مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئاللاھ يولىدا غازاتقا يۈرۈڭلار. ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار، جەڭ قىلىڭلار. غەنىمەتلەرگە خىيانەت قىلماڭلار، دۈشمەن جەسەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى كەسمەڭلار، كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. مۇشرىكلاردىن ئىبارەت دۈشمىنىڭگە ئۇچرىساڭ، ئۇلارنى ئۈچ شەرتكە چاقىرغىن. ئۇلار بۇ ئۈچ شەرتنىڭ قايسىسىنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلار تاللىغان شەرتنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا چېقىلمىغىن، ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىرغىن، ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىسلامىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن مۇھاجىرلارنىڭ يۇرتلىرىغا ھىجرەت قىلىشقا چاقىرغىن. ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار بۇنى ئورۇندىسا، مۇھاجىرلار بىلەن ھەق – ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتتە ئورتاق بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىدىن ھىجرەت قىلغىلى ئۇنىمىسا، ئۇلارغا ئېيتىپ قويغىنكى، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەئرابىلىرىغا ئوخشاش بولىدۇ. ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەر ئۈستىگە يۈكلىگەن ھۆكمى ئۇلارنىڭمۇ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. ئۇلار مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە جىھاد قىلمىغىچە، ئۇلارغا غەنىمەت ۋە ئولجىلاردىن ھېچ نەرسە بېرىلمەيدۇ. ناۋادا ئۇلار بىرىنچى شەرتنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارغا جىزىيە تۆلەش شەرتىنى قويغىن. ئەگەر ئۇلار جىزىيە تۆلەشنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلاردىن جىزىيە ئالغىن، ئۇلارغا چېقىلمىغىن. ئەگەر جىزىيە تۆلەشنىمۇ رەت قىلسا، ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغىن. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بەرمەستىن، ئۆزەڭنىڭ ۋە سەبداشلىرىڭنىڭ ئامانلىقىنى بەرگىن. چۈنكى (ئاراڭلاردىن بىرەرسى بىلمەستىن بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇپ سالسا) ئۆزەڭلار بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇشۇڭلار ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نامىدىن بېرىلگەن ئامانلىقنى بۇزۇشقا قارىغاندا يەڭگىلرەك. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئەگەر ئۇلار ساڭا ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن ھالدا بىتەرەپ قىلىشىڭنى شەرت قىلسا، سەن ئۇلارنىڭ بۇ شەرتىگە قوشۇلماي، ئۇلارنى ئۆزەڭنىڭ چىقارغان ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلغىن. چۈنكى سەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلالىغان ياكى قىلالمىغانلىقىڭنى بىلمەيسەن «چۈنكى ساڭا ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمى ماۋۇ دەپ ۋەھىي كەلمەيدۇ»

210- پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسچىتكە كىرگەن ئىدى، كەينىدىن بىر ئادەم كىرىپ ناماز ئوقۇدى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىپ سالام قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: نامازنى قايتا ئوقۇغىن، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. ئۇ كىشى قايتىپ بېرىپ ئاۋالقىدەكلا ناماز ئوقۇپ كېلىپ رەسۇلۇللاھقا سالام قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ: بېرىپ نامازنى قايتا ئوقۇ، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن ھېلىقى ئادەم: سىلىنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى مەن بۇنىڭدىن ياخشىراق ئوقۇيالمايمەن ماڭا ئۈگۈتۈپ قويسىلا، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: نامازغا تۇرغىنىڭدا تەكبىر ئېيىت، ئاندىن قۇرئاندىن ساڭا ئاسان بولغىنىنى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇغا بېرىپ رۇكۇدا تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس تۇرغىن، ئاندىن سەجدە قىلىپ، سەجدىدە تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس ئۆلتۈرغىن، پۈتۈن نامىزىڭدا مۇشۇنداق قىلغىن، دېدى

220- «مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ» كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە راۋى بۇنداق دېگەن: مەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تاھارەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ ئىككى قولىنى مۆرىسىگە يېقىن بىر يەرگىچە يۇدى، ئاندىن ئىككى پۇتىنى پاقالچىقىغا يېقىن بىر يەرگىچە يۇدى، ئاندىن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دېدى: مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. «كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرلىرىنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن» دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: مېنىڭ دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: قىيامەت كۈنى مۆمىننىڭ زىينىتى تاھارەتنى قەيەرگىچە ئالغان بولسا شۇ يەرگىچە بولىدۇ